باش بەت ساقلىۋىلىڭ   ئەسقەر كۆك بۆرە مۇرات ناسىرۇف 电影天堂  پايچەك ئۇچۇرى سۆز قالدۇرۇڭ
دىتال  چۇشۇرۇڭ -软件下载-down كىنو-kino-影视 Mtv-视频 ئويۇن-游戏-games ئىتوت-itot- ناخشا-音乐-music تېلېۋىزىيە-网络电视台-tv 在线游戏 دەششەت مۇشلاش-bokis-摔交

|ئىسىم : پارۇل : | بەت ئىچىدىن:
يىڭى ئۇچۇر
ئورنىڭىز: باش بەت >> كومپىيوتىر >> كومپىيوتىر-ئۇچۇرى >> ئوقۇۋاتقىنىڭز

مەشھۇر IT شىركەتلەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى

2010-04-30 11:44:36    مەنبە: ئەركەم     ئاۋاتلىقى: 460 قىتىم

مەشھۇر IT شىركەتلەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى

HP, Microsoft, Intel, Apple قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر IT شىركەتلىرىنىڭ ناملىرنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟

1. Motorola

شىركەت قۇرغۇچىسى Paul Galvin بۇ شىركەت ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىلىدىغان رادىئو قوبۇللىغۇچنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلىغاندا، مۇشۇ نامنى قوللىنىشنى بېكىتكەن. بۇ شىركەتنىڭ ئەسلى نامى Victrola ئىدى.

2. Microsoft

 

بۇ نامنى Bill Gates نىڭ ئۆزى قويغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ساھەسىنىڭ MICROcomputer SOFTware (مىكروكومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى) ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى يېزىلىشى Micro-Soft بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرىدىكى «-» (سىزىقچە) ئېلىپ تاشلىنىپ، Microsoft قا ئۆزگەرتىلگەن.

3. Lotus

 


بۇ نام نىلۇفەر (lotus) شەكلىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇش (padmasana) دىن كەلگەن. شىركەت قۇرغۇچىسى Mitch Kapor ئەسلىدە Maharishi Mahesh Yogi نىڭ سۈكۈتتە ئولتۇرۇش ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. (Mahesh Yogi، Maharishi بولسا ھىندىستاننىڭ دىنىي داھىيسى).

4. Intel

 

Bob Noyce ۋە Gordon Moore ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ شىركىتىنىڭ نامىنى MoorNoyce دەپ قويماقچى ئىدى، لېكىن بۇ نامنى شۇ چاغدىكى بىر زەنجىرلەشكەن ياتاقخانا تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاچقا، INTegrated ELectornics (توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب) دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئۆزگەرتكەن.

5. Hewlett-Packard (يەنى HP)‏
 

شىركەت قۇرغۇچىلىرى Bill Hewlett بىلەن Dave Packard تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق، شىركەت نامىنىڭ Hewlett-Packard ياكى Packard-Hewlett بولۇشى كېرەكلىكىنى بېكىتكەن. سىزنىڭچە كىم يېڭگەندۇ؟

6. Hotmail

 

شىركەت قۇرغۇچىسى Jack Smith دەسلەپتە ھەرقانداق كومپيۇتېردا Web ئارقىلىق زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان ئېلخەت مۇلازىمىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئويلىغان. كېيىن Sabeer Bhatia سودا پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش جەريانىدا، mail (خەت، يوللانما) بىلەن ئاخىرىلاشقان ھەرخىل ناملارنى سىناپ باققان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ Hotmail نى تاللىغان، چۈنكى Hotmail ‏"html"‏ (hyper-text markup language، تور بەت يازىدىغان بىر خىل تىل) سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. Hotmail نىڭ دەسلەپتىكى يېزىلىشى HoT-MaiL ئىدى. ئىزاھات: 1998-يىلى Microsoft ‏400 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن Hotmail نى سېتىۋالغان.

7. Google
 

بۇ نام بىر ئىزدەش موتورىنىڭ زادى قانچىلىك ئۇچۇرنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلىقىغا ئائىت مۇبالىغە باياندىن كەلگەن. ئۇنىڭ دەسلەپتىكى يېزىلىشى Googol بولۇپ، 1 نىڭ ئارقىسىدا 100 دانە 0 بارلىقىنى ئىپادىلەيتتى. شىركەت قۇرغۇچىلىرى Sergey Brin بىلەن Larry Page دەسلەپتە بىر مەبلەغ سالغۇچىغا ئۆز پىلانىنى سىناق تەرىقىسىدە كۆرسىتىپ بەرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار «Google» شىركىتىگە ئەۋەتىلگەن بىر پارچە پۇل چېكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان!

8. Cisco

 

بۇ نام قىسقارتىلغان نام ئەمەس. بۇ San Francisco (ئامېرىكادىكى بىر شەھەرنىڭ نامى) دېگەن نامنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بەش ھەرپتىن ئىبارەت. شىركەت تۇغىدىكى نەقىشىمۇ San Francisco بىلەن مۇناسىۋەتلىك. sogou نىڭ سۈرەت ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، «金门大桥» نى ئىزدىسىڭىز بىر كۆۋرۈكنىڭ سۈرىتى چىقىدۇ.

9. Apple
 

Steve Jobs ئالمىغا ئەڭ ئامراق ئىكەن. بۇ شىركەت قۇرۇلۇپ ئۈچ ئايغىچە نامى يوق يۈرگەن. نەتىجىدە Steve Jobs خىزمەتداشلىرىغا ھەيۋە قىلىپ، ئەگەر سائەت بەشكىچە Apple Computer (ئالما كومپيۇتېرى) دىن ئۆتەر يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان نام تېپىپ چىقالمىسا، ئۇنداقتا شىركەت نامىنى مۇشۇ نامدا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

10. Apache

شىركەت قۇرغۇچىسى NCSA httpd نىڭ ئارقا سەھنە كودىغا ياماق سېلىشتىن ئىش باشلىغان. نەتىجىدە، ئۇلار A PAtCHy Server (ياماق سېلىنغان مۇلازىمىتېر) غا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇلازىمىتېر Apache دەپ ئاتالغان.

11. Adobe

 

شىركەت قۇرغۇچىسى John Warnock نىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدە Adobe Creek ناملىق بىر دەريا بار ئىكەن. شىركەت نامى شۇ دەريانىڭ نامىدىن كەلگەن ئىكەن.
 
 
http://www.xjcfan.com/a/News/IT/2010/0430/690.html

بېرىلگەن باھا، شۇ تورداشنىڭ ئەسەرگە قارتا بەرگەن باھاسى ، تور بىتىمىز بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق .

توربەت ھەققىدە | ئالاقىلشىڭ | ھەمكارلىشىڭ | ئۇچۇر يوللاڭ | 新ICP备案10003137号
بىكەت باشلىقى: ئەلى ئۇيغۇر    Tel-13999845761
Email :erkem@sina.com: QQ:6228548
Copyright 2010, بارلىق ھوقۇق www.erkem.biz تەۋە .
  تور بىتىمىزدىكى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر ، توردىن يىغىلغان ھەم تەرجىمە قىلىنغان، مەقسەت تورداشلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش