7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شوربۇلاق كوچىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئۈچ دانە كىچىك تىپتىكى زەمبىرەك ئوقى بايقالغان. نۆۋەتتە، بۇ ئوقلار بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىنغان.

شۇ كۈنى مۇخبىر زەمبىرەك ئوقى كولاپ چىقىلغان قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ، نەق مەيداندا قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلى كولىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى، چوڭقۇرلىقى 5~6 مېتىر ئىكەن. ئىشچىلار ئوقنىڭ دەل مۇشۇ ئۇل ئازگىلىدا بايقالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەڭ ئاۋۋال ئوقنى بايقىغان ئىشچى جاڭ جۈنكۈينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قۇرۇلۇش قىلغاندا كۆرۈلگەن ئوي-چوقۇرلارنى تازىلاشقا مەسئۇل ئىكەن. "شۇ كۈنى سائەت 12 دە، مەن ھارىۋىنى سۆرەپ ئويمانلارنى تىندۇرىۋاتقاندا، 10 نەچچە سانتېمىتېر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈرنى كۆرۈپ قالدىم، تۆمۈر داتلىشىپ كەتكەنىكەن، يەنە نۇرغۇن توپا بار، مەنمۇ ئانچە دىققەت قىلماي ئۇنى بىر ياققا چۆرۈپ قويۇپ، ھارۋىنى سۆرەپ يەنە بىر نەچچە يەرنى كولاپ ئوخشاش نەرسىنى بايقىدىم. ئۇلارنى بىر يەرگە ئەكىلىپ كېرەكسىز تۆمۈر ئالىدىغانلارغا سېتىۋىتەي دېگەنىدىم."
چۈشلۈك دەم ئېلىشتا، ئۇ كولاپ چىققان نەرسىلەرنى ئېلىپ، قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ماتېرىيال قويىدىغان يېرىگە كەلگەن، بىللە ئىشلەيدىغانلار بىلەن ئۈستىدىكى توپىلارنى تازىلاپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، بۇ نەرسىنىڭ زەمبىرەك ئوقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان.
"ئۇچى ئۇچلۇق، كەينىدە قۇيرۇق قانىتى باركەن، زەمبىرەك ئوقىغىلا ئوخشايدىكەن" بىر ئىشچى شۇنداق دېدى.
قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ۋېنگېنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۈچ تال تۆمۈر مىسقىمۇ ئوخشىمايدىكەن، ئىككىسىنىڭ ئۇچى ئۇشلۇق، تەخمىنەن 10 نەچچە سانتېمېتىر، كەينىدە قانىتى بار، يەنە بىرىنىڭ ئۇچى ئۇچلۇق، لېكىن قۇيرۇقىدا قانات يوق ئىكەن.
"بىز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدۇق، يېقىندىكى شوربۇلاق ساقچىخانىسى ساقچى ۋە بومبا يەشكۈچىلەرنى نەق مەيدانغا ئەۋەتتى. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بومبا تازىلىغۇچىلار كولاپ چىقىلغان نەرسىنىڭ دەل كىچىك تىپتىكى زەمبىرەك ئوقى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى"
يېقىن ئەتىراپتا ئولتۇرىدىغان ياڭ ئەپەندى، بۇ يەرنىڭ بۇرۇن ھەربىي قىسىمنىڭ قارىغا ئېتىش مەيدانى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئوقلارنىڭ بەلكىم شۇچاغدا كۆمۈلۈپ قالغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ئاسىيا كىندىكى تورى :مەنبەسى
http://news.alkuyi.com/show.php?mid=4090