|

DEEL Adamo XPS خاتېرە كومپيوتېرى
13.3 سۇڭلۇق ئېكران، 1.44 كلوگرام ئېغىرلىق، ئەڭ نېپىز جايى ئاران 1 سانتېمېتىر، بۇخىل خاتېرە كومپيوتېر چوقۇم سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەنئەنىۋى خاتېرە كومپيوتىرنىڭ ئۈستىدىكى ئېكراننى ئازىراقلا ئۆزگەرتىپ لايىھەلەنگەن Adamo XPS نىڭ ئاساسى تاختىسى ئېكراننىڭ بىر يېنىغا قوشىۋىتىلگەن، ئېكراننى ياپقاندىمۇ كونۇپكا تاختىلىرى ئويمان شەكىللىك ئېكرانغا چۈشۈپ، پۈتۈن كومپيوتېر شۇنداق سىپتا كۆرىنىدۇ.

Ondus Digitecture رەقەملەشكەن تازىلىق كۆلچىكى
تېلۋىزورنى كونترول قىلغاندەك، تازىلىق ئۆيىدىكى ئىسسىق سۇنىمۇ كونترول قىلىشنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟ يۇقىرى تېخنىكا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ خىل Ondus Digitecture دەپ ئاتالغان رەقەملەشكەن مۇنچا سەپلىمىسى كومپيوتېر ئارقىلىق كونترول قىلىش تېخنىكىسى بىلەن تازىلىق ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى تولۇق مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ھەر بىر جۈمەككە ئايرىم ئېكران ۋە سىزىمچان كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق سۇ تېمپراتۇرىسىنى ئېسىدە تۇتالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، سىز بېشىڭىزنى يۇغاندا، سۇنى توختىتىپ قويۇپ بېشىڭىزنى ئۇۋىلاپ بولغاندىن كېيىن، قايتا سۇنى تەڭشەپ يۈرمەيسىز.

3M "كۆك چىش" لىق تىڭشىغۇچ
ئەگەر ئارقا تەرىپىنى كۆرمىسىڭىز سىز بۇنى بىر ئالى دەرىجىلىك نائۇشنىڭ دەپ قالغان بولاتتىڭىز. بۇ ئالاھىدە تېخنىكىلىق تىڭشىغۇچ كىشنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىگە ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلەنگەنلىكتىن، ئىشلەتكەندە تېخىمۇ راھەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى تىڭشىغۇچنىڭ ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭغا كۆك چىش ۋە رەقەملەشكەن بۆلەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قوشۇمچە سەپلەنگەن يۇمشاق دېتال ئارقىلىق، بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاش جەريانىدا بىۋاستە خاتېرىلەپ، دوختۇرنىڭ دىئاگنوز قويىشى ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

دېسىن چاقپەلەكسىز شامالدۇرغۇچ
بىر يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان ماشىنا گەۋدىسى، يەنە بىر يۇمىلاق ھالقا بولسىلا سالقىن شامال چىقىرالايدۇ، بۇنى كۆرسە كىشنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالىدۇ. ئەسلىدە بۇ خىل شامالدۇرغۇچنىڭ چاقپەلەك ئوقۇرىغا يوشۇرۇن شەكىلدىكى كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە ئىگە تۇربىنا ئورنىتىلغان بولۇپ، بېسىم بېرىلگەندىن كېيىن ھاۋانى ھالقىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىكەن؛ قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، ھاۋا كىچىك تۆشۈكچىلەردىن ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن ئەتراپتىكى ھاۋانىمۇ ئىتتىرىپ كۈچلۈك سالقىن شامال پەيدا قىلىدىكەن. زاۋۇتنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھاۋا چاقپەلەك بىلەن بۆلىۋىتلمەستىن، ىۋاستە ھالقىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، تەڭپۇڭسىز ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولمايدىكەن، بۇندىن باشقا ئۇنىڭدا ھىچقانداق ھەرىكەتلىنىدىغان قىسىم بولمىغاچقا، ئاسان توپا-چاڭ قونمايدىكەن.
|